ئىزچىلا تور بېكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، جۈملىدىن رايۇنىمىزنىڭ مىللىي تور سودا كەسپىنى ئېچىش، ئېلىكتىرونلۇق تور سودا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ،توردىن مال سېتىۋىلىش ۋە بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ،توردا پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرىنى بېجىرىش ،تور ئارقىىلق بانكا ھېسابات ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ، ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى بولغان ئىنتىرنېت تورىنى قورال قىلىپ ، تېخىمۇ كۆپ جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىدىدە قۇرۇلغان .
تور بېكىتىمىز مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ، ماتىرىيال توپلىغان ،قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ بېكىتىىزگە ئەزا بولىشىنى ، بىلىدىغانلىرىنى بېكەتكە يوللىشىنى ، بىلمەيدىغانلىرىنى تور بېكىتىمىز ئارقىلىق ئۈگۈنۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ . ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر ئىنتىرنېت تورىنىڭ تىزلىكتە ئومۇملىششىغا كۈچ قوشايلى !
تور بېكىتىمىز يەنە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان ئۇيغۇر كارخانىلىرى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ خەلق ئارسىدىكى ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خالسانە تەشۋىقات قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان.مۇشۇنداق كارخانا ۋە شەخىسلەر بېكىتىمىزدە ھەقسىز تەشۋىق قىلىنىدۇ.
ئىزاھات : ئىنتىرنېت ساھەسىدە ئېلىكتىرونلۇق تور سودا كەسپى بارلىقققا كەلگەندىن كىيىن جۇڭگۇ زىيالىلىرى ئارسىدا ئىنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى شىددەت بىلەن باش كۆتۈردى ،بۇ دولقۇننىڭ تەسىرىدە ئەڭ دەسلەپ مايۈننىڭ ئالى بابا تورى قۇرۇلدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن تاۋباۋ قاتارلىق بىر قانچە سودا تور بەتلىرى ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن جۇڭگۇ بازىرىنى ئىگەللەپ دۇنياغا يۈرۈش قىلدى ،نەزەر سالساق دۇنيادىكى كۈچلۈك كارخانىلار ئىچىدە ئىنتىرنېت ساھەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن كارخانىلارنىڭ تارىخى ئەڭ قىسقا .
دىمەكچىمىزكى :10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئىنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش مەسلىسىدە بوشلۇقلار خېلى كۆپ ،بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسلە مەبلەغ ياكى تېخنىكا بولماستىن بەلكى يېڭىلىق يارىتىشتا !خەلقنى مۇشۇ ساھەگە يېتەكلەشتە !ئۈگۈتۈشتە !
تور بېكىتىمىز ئېلىكتىرونلۇق سودا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان كارخانا ياكى شەخىسلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ! ھەمدە ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ.
